- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى
2015.12.15 16:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىزلىكتە قار تېيىلىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى ۋە مۇسابىقە قار يولى ئومۇميۈزلۈك ياسىلىپ بولدى، پات ئارىدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىزلىكتە قار تېيىلىش ۋە يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تۈرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 10-دېكابىر، مۇخبىر ئىگىرىكى قار تېيىلىش مەيدانى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 1200 كىۋادرات مېتىرلىق ئۈستى ئوچۇق پەشتاق، 700 كىۋادرات مېتىرلىق گۈمبەزلىك ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى ۋە مۇنچا قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يېڭىدىن قوشۇلغان.
يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى خۇاڭ خې مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مۇسابىقە يوللىرىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، 2000 مېتىرلىق خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى مۇسابىقە ئىشلىرى مەخسۇس بىخەتەرلىك مۇداپىئە تورى يېڭىدىن قۇرۇلدى. سۈنئىي قار ھاسىل قىلىش مىلتىقىدىن 9 ى، 400 مېتىر قار ھاسىل قىلىش تۇرۇبا لىنىيەسى، 52 يۈرۈش يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ماياك كۆپەيتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر