خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-دېكابىر، بىر ساقچى لوس-ئانژېلستىكى مەكتەپ رايونى ئەتراپىدا كۆزەتتە تۇرماقتا. شۇ كۈنى بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبلىك ئامېرىكا كالىفورنىيەدىكى لوس-ئانژېلستا مەكتەپ رايونىدىكى يەسلىدىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 900دىن ئارتۇق مەكتەپنى تاقىۋېتىش قارار قىلىندى. ساقچى تەرەپ لوس-ئانژېلس مەكتەپ رايونىدىكى بىر مۇدىرىيەت ئەزاسىنىڭ مەكتەپلەرگە قارىتىلغان بومبا تەھدىتى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، لوس-ئانژېلس مەكتەپ رايونىنىڭ تەۋەلىكتىكى بارلىق مەكتەپلەرنى تاقاشنى جىددىي قارار قىلغانلىقىنى ھەمدە ساقچى تەرەپ بىلەن ماسلىشىپ، مەكتەپلەردە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى