باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ شىخەنزە گۈللۈكى ئايرودرومىدا 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن قاتناش باشلىنىدۇ

2015.12.16 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14- دېكابىر بىڭتۇەن ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىڭتۇەننىڭ تۇنجى پۇقرالار ئايرودرومى تۈرى - شىخەنزە ئايرودرومىنىڭ كۆچۈرۈش قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى. بۇ شىخەنزە ئايرودرومى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە شىخەنزە گۈللۈك ئايرودرومى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ تولۇق ئورۇندىلىپ،ئۇچۇش شەرت - شارائىتى ھازىرلانغانغىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش، ئەشيا ئوبوروتى، زاپاس ساقلاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاۋىئاتسىيە ئوقۇتۇشى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، دىئوپا خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ قوشۇمچە ئايرودرومى بۇلىدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ شىخەنزە ئايرودرومىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇمكىنلىك تەتقىقاتى دوكلاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەستىققە ئاساسەن، شىخەنزە ئايرودرومىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىغا دۆلەت ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودرومى خاراكتېرىدە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئىشلىتىدۇ. بۇ قارارلىق قۇرۇلۇش 20-يىلىغا بارغاندا 175مىڭ ئادەم ( قېتىم ) يولۇچى توشۇش ، 270توننا يۈك توشۇش مىقدارى ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر