باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2016-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى، شەھەر خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2015.12.15 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 14-دېكابىر يىغىن ئېچىپ، 2016-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى، شەھەر خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋە شەرەپكە ئېرىشكەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»، «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تۈرلۈك زور خەۋپ ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى ئومۇمەن تۇراقلىق بولۇپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىپ، يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر تاماملىنىپ، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا ۋە 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە پۇختا ئاساس سېلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر