باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋىۋىسكا ئېسىپ خەلق پۇلىنى سومونىغا ئايرىباشلاش سودىسىنى باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

شۆھرەت زاكىر راسۇلردا كولشىل بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.14 16:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بىلەن بىڭتۈەن شۆبە بانكىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ۋىۋىسكا ئېسىپ خەلق پۇلىنى سومونىغا ئايرىباشلاش سودىسىنى باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. تاجىكىستاننىڭ سومونىسىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئايرىباشلاش جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ سودا راسچوتىدىكى پۇلنىڭ خىلىنى كۆپەيتىپ، ئايرىباشلاش خەۋپىنى ئازايتىپ، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى راسۇلردا كولشىل بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاۋۋال ئۇدۇللىشىدىغان نىشانى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەمكارلىشىش مۇھىم نۇقتىسى. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن ۋە مائارىپ مەركىزى، ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاش مەركىزى ۋە رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ، بۇمۇ جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ھەمكارلىشىشىغا كەمدىنكەم ئۇچرايدىغان تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئېچىۋېتىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلمەكتە. بۇ چاغدا بىزنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ خەلق پۇلىنى تاجىكىستاننىڭ سومونىسىغا ئايرىباشلاش سودىسىنى باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىمىز جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق پۇلى بىلەن سومونىنى بىۋاسىتە ئايرىباشلاش ۋە راسچوت قىلىش سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قولايلىق بولىدۇ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  راسۇلردا كولشىل مۇنداق دېدى: ۋىۋىسكا ئېسىپ خەلق پۇلىنى سومونىغا ئايرىباشلاش سودىسىنى باشلاش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە يارىتىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق پۇلى ۋە سومونى بىلەن بىۋاسىتە چىقىم قىلىش ۋە راسچوت قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى.

  شۆھرەت زاكىر مۇراسىمدىن ئىلگىرى راسۇلردا كولشىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاجىكىستان بىلەن بېرىش - كېلىشنى كۆپەيتىپ، ئېلېكتىر، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىنسانلار مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە ياخشى ھەمكارلىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ تاجىكىستان بىلەن كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتتىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى پايدىلىق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، مەنپەئەتلەرنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەمكارلىق، ئىقتىساد - سودا ۋە ئىنسانلار مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  راسۇلردا كولشىل مۇنداق دېدى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشتى، بۇ تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەۋزەللىكلەرنى قېزىپ ۋە ئۆز ئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر