باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش، ئارىلىشىش

2015.12.14 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنتلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا – بازارلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلغانلىقى توغرىسىدا (3)

  ياڭ جيې، جاۋ شيا

  شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تۈپ كاپالىتى، ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئوبرازلىق ھالدا قۇياش، ھاۋا ۋە سۇغا ئوخشىتىدۇ، ئۇلار بىر – بىرىدىن بىردەممۇ ئايرىلالمايدۇ. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئىستودېنتلار جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دوستى، ئۇرۇق – تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدى، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىدى. چىن كۆڭلىدىن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بەردى، مانا مۇشۇنداق‹‹كىچىك ھەرىكەتلەر›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  ‹‹شياۋسۈيگۈل››: مەن قەشقەرنىڭ كىچىك خوجايىنى

  سۈي جيۇشيۇ 30 – ئۆكتەبىر تەمكىن ھالدا مەن ‹‹قەشقەرنىڭ كىچىك خوجايىنى›› دېدى.

  سۈي جيۇشيۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىن، ئۇ چۈفۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2010 – يىللىق ئىستاتىستىكا كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، قەشقەركونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى سايباغ مەھەللىسىگە كەلگىنىگە بىر يىلدىن ئاشتى. ئۇ بۇ يىل ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىپ،بىللە ئەمگەك قىلدى، ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى،ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەندى، ئەتلەس كۆڭلەككە ئامراق بولۇپ قالدى، ئاھالىلەر ئۇنى ‹‹شياۋسۈيگۈل››دەپ چاقىرىدىغان بولدى. ئۇ ئون نەچچە‹‹ئاكا – ئاچا››لارنى يېتەكلەپ كىيىم تىكىش زاۋۇتى قۇرۇپ، ‹‹قەشقەر شىنجاڭدا››دېگەن كىيىم – كېچەك ماركىسىنى ئىلتىماس قىلدى.بۇ يىل 8 – ئايدا توردا بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، ئەتلەس كۆڭلەكلەر، كەشتە بۇيۇملار ۋە شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى توردا ساتتى، مەھسۇلاتلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

  مەھەللىدىكى خانزۆرىگۈل ئوبۇل زاۋۇت ئالدىدا شياۋسۈي بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە راۋان سۆزلەشتى. خانزۆرىگۈل مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالىدىغان بۇ قىزغا‹‹شياۋسۈيگۈل›› خىزمەت ئورنى تېپىپ بەردى. خانزۆرىگۈل سەمىمىي ھالدا: ئۇ ئاق كۆڭۈل، ياخشى قىز،دېدى.

  سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچەم كىتابتىكى بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىراتىم ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئۇ بۇ يىل ئانا مەكتىپىگە بېرىپ ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلىدى. ئو مەكتەپداشلىرىغا: دەسلەپتە شىنجاڭدا ئىپتىخارلىق ھالدا شەندۇڭغا ۋاكالىتەن سۆزلەيتتىم، ھازىر شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلەيمەن،دېدى.

  23 ياشقا كىرگەن سۈي جيۇشيۇ قەشقەركونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى سايباغ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى تەشكىلات، مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل، يەنە قوشۇمچە مەھەللە ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

  جاڭ دېخەي ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئاپىسى››

  خۇنەنلىك يىگىت جاڭ دېخەي ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسىدا خىزمەت قىلغان بىر يىلدىن بۇيان ھەر قېتىم پائالىيەت بولغاندا دوپپا كىيىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ، چۈنكى بۇنى ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ‹‹ئاپىسى›› سوۋغا قىلغانىدى.

  جاڭ دېخەي شىنجاڭلىق ئاپىسى نۇرگۈل ئابدۇللا بىلەن بۇلتۇر خىزمەتتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش كۇرسىدا تونۇشقانىدى، نۇرگۈل ئەينى ۋاقىتتا جاڭ دېخەينىڭ ئېغىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن نۇرگۈل جاڭ دېخەينى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ‹‹ئۇ كۈنى 25 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، ئوقۇتقۇچۇم ئۆز قولى بىلەن شورپا سېلىپ، پولۇ ئېتىپ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەردى››دېدى جاڭ دېخەي. ئۇ كۈنى ئۇ ياتاققا قايتىش يولىدا نۇرگۈلگە ‹‹سىز خۇددى ئاپامدەك ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىسىز››، دەپ قىسقا ئۇچۇر يوللىغانىدى، نۇرگۈل ئۇنىڭغا ‹‹سىز مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم ھەم بالام››، دەپ ئۇچۇر قايتۇردى، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇ ئۇچۇرى جاڭ دېخەينىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نۇرگۈلنى ‹‹ئاپا›› دەپ چاقىرىدىغان بولدى. ‹‹يېزا – بازاردا ئۇيغۇرلار كۆپ، شۇڭا ئاۋۋال تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك›› نۇرگۈل جياڭ دېخەي بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇ نۇقتىنى ئەڭ كۆپ تەكىتلەيتتى. ئىنتۇناتسىيە، گىرامماتىكا ۋە ئىملا قاتارلىقلارنى ئېرىنمەستىن سۆزلەپ چۈشەندۈرەتتى، نۇرگۈلنىڭ ياردىمى ۋە ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە جاڭ دېخەي ئۇيغۇر تىلىنى تېز ئۆگىنىۋالدى، ئۇ بۇ يىل يەنە ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى.

  ‹‹تەڭرىتاغ ئېتىكىدە، تارىم دەريا بويىدا ئاقسۇ دەرياسى تىنىمسىز ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، مەن <ئاپام> نىڭ تىلىكى بويىچە ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىمەن، بىزدەك خۇنەنلىك دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدەك ئەمەلىيىتىنى يېزىپ قالدۇرىمەن، ھەقىقىي شىنجاڭلىق ئوغلان بولۇشقا تىرىشىمەن››. جاڭ دېخەينىڭ شۇ قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ تېمىسى ‹‹مېنىڭ ئاپام›› ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تېمىنى تاللاش ئارقىلىق ‹‹ئاپىسى›› غا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن <<قوش تىل>> ئۆگىنىشىدىن خۇلاسە بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بېرىش – كېلىش قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ھېسسىيات ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ

  تاڭ شىجۈن ھازىر باي ناھىيەسى باي بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىلگىرى ئۇ بۇ بازارنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. تاڭ شىجۈن دائىم سىرتلارغا چىقىپ ماتېرىيال توپلىغاچقا ھەم سۈرەتكە تارتىشنى ياقتۇرىدىغان بولغاچقا، كەنتتىكى داڭلىق ‹‹فوتوگراف›› قا ئايلاندى. ‹‹دائىم ئاپپاراتىمنى ئېلىپ سۈرەت تارتقان ۋاقتىمدا بىر توپ ئۇيغۇر بالىلىرى ئەتراپىمغا توپلىشىپ مېنى <ئاچا، ئاچا> دەپ چاقىرىشىدۇ، مەن بۇ بالىلارنىڭ ماڭا تەلمۈرگەن كۆزلىرىگە ۋە ساددا كۈلكىلىرىگە قاراپ ئىختىيارسىز ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپ كېتىمەن›› دېدى تاڭ شىجۈن. ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق بەزى كەنت ئاھالىسى ئۈچۈن ئائىلە كوللېكتىپ سۈرىتى تارتىپ بەردى، سىرتتىن كەلگەن بۇ قىزچاق بارا – بارا كەنت ئاھالىسىنىڭ دوستىغا ۋە ئۇرۇق – تۇغقىنىغا ئايلاندى.

  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر بازىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ليۇ لىن كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە بۇغداي ئورىدى ۋە بىللە يەر ئاغدۇردى. ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ ليۇ لىن ئۇيغۇر يۇرتدىشىنىڭ ئۆيىگە پاختا ئالغىلى باردى، ئۇ بۇ پاختىنى ئاتتۇرۇپ، قېلىنراق يوتقان تىكمەكچى ئىدى، ليۇ لىننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ئىستۇدېنت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان يۇرتداش ئۇنىڭدىن پۇل ئالمىدى. ئۈجمە پىشقاندا ليۇ لىن دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۈجمە يېمەكچى بولغاندا يۇرتداشلار ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، بىر توپ بالىلار ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ ئۇنىڭ ئۈجمە ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى ۋە پىشقان ئۈجمىلەرنى ئۇنىڭغا بەردى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن مى چيەنچيەن يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ چولپان يېزىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلاتتى، ئۇ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى كەنتتىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلارنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بېرىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلايتتى، قىيىنچىلىقلارنى ئىگىلەيتتى ۋە ھەل قىلىشقا ياردەملىشەتتى، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىمۇ كۈنسېرى ئاشتى. يۇرتداشلار ئۇنى ھەر قېتىم قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىشقا، ئەتكەنچاي ئىچىشكە، پولۇ، گۆش يېيىشكە تەكلىپ قىلاتتى. ئۇ: ئاساسىي قاتلامدا قانچە كۆپ يول ماڭسىڭىز قەلبىڭىز شۇنچە چوڭقۇر ساپ ھېسسىياتقا تولىدىكەن، دېدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر