باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى ئالجىرىيەدە قۇرۇلدى

2015.12.15 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافرىقا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى 13-دېكابىر ئالجىرىيەنىڭ پايتەختى ئالجىردا قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 40دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ساقچى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى قاتناشتى.

  ئالجىرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېدۋى مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ تەشكىللىك جىنايەت، تېررورلۇق، قورال-ياراق ۋە زەھەر ئەتكەس قىلىش، ئادەم سودىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۈرلۈك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئافرىقا ئەللىرى ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك ۋە ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش زۆرۈر.

  ئالجىرىيەنىڭ ساقچى باش تەپتىشى خامىلې مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھازىر تېررورىزم ئۈزلۈكسىز يامرىماقتا، ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە كۈچلۈك زەربە بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر