باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.11 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتەك مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەزەربەيجاننىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىغا ياردەم بېرشنى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەزەربەيجانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرىشىنى قوللايدۇ، ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەزەربەيجانغا بېرىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئەلىيېف مۇنداق دېدى: ئەزەربايجان جۇڭگونى يېقىن شېرىكى دەپ قارايدۇ، ئەزەربايجاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرىشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئەزەربەيجان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەزەربايجاندا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەت باغچىسى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتقا قاتنىشىشى، ئەزەربايجاننىڭ رايون ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ چېگرا ترانسىپورتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، ھەمدە بۇنى سىياسەت جەھەتتىن قوللايدۇ. ئەزەربايجان يەنە ئاۋىئاتسىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بېرىپ-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر