باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مېھىر – شەپقەت پولوسى» مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

2015.12.15 13:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز، ئامىنە ئابلەت خەۋىرى، فوتوسى) 11 – دېكابىر، شايار ناھىيەسىدە قىش كىرگەندىن بۇيان تۈنجى قېتىملىق قار يېغىپ، ھاۋا ئىنتايىن سوۋۇپ كەتتى، ئەمما شايار بازىرى «خوتەن يولى» مەھەللىسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئاھالىلىرى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى مېھرى بىلەن ئىللىغان بىر كۈن بولدى. چۈنكى بۈگۈن، مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى لۇ شىنسۈينىڭ «مېھىر - شەپقەت پولوسى» ئۇلارغا ئىللىقلىق ۋە مېھىرىبانلىق ئاتا قىلدى.

  بۈ كۈنى كۆپچىلىك لۇ شىنسۈي 2 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلىپ ئەكىلىپ بەرگەن گۈرۈچ، قوي گۆشى، سەۋزە قاتارلىقلارنى پاكىزە ئادالاپ، گۆشلۈك پولۇ تەييارلاپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ 200دىن ئارتۇق ھەر مىللەتتىن بولغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئاھالىسى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىنى مېھمان قىلدى. كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن بۇ مېزىلىك پولۇنى يېگەچ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ قىزىقارلىق سەنئەت نومۇرلىرىىدىن ھوزۇرلاندى. ئاھالىلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماستىن، ئىختىيارىسز ھالدا نەغمىگە جۆر بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

  شايار بازىرى «خوتەن يولى» مەھەللىسىدىن جاۋ چىنخەي مۇنداق دېدى :«بۈگۈن بەكمۇ ياخشى بولدى. بەك خۇشال بولدۇق، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار بىرگە پولۇ يېگەچ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭلىمىز تولىمۇ ئېچىلدى. خۇشاللىقتا بىرگە بولۇش تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدىكەن».

  شايار بازىرى «خوتەن يولى» مەھەللىسدىن تۇراخان ئەمەت مۇنداق دېدى :«بۈگۈن بىر خەنزۇ قېرىندىشىمىز بىزنى گۆش، پولو بىلەن ئالاھىدە مېھمان قىلدى. ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت. مۇشۇنداق ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىللە غىزالىنىپ، بىللە پائالىيەت قىلساق بەك كۆڭۈللۈك بولىدىكەن. دوستلىقىمىز، ئىتتىپاقلىقىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن».

  قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئاھاللىرىنىڭ بىر – بىرگە ھۆرمەت ئېھتىرام قىلىپ، ناھايتى خۇشال ئويناپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن لى چۈنيەنمۇ مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلارنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش قورالى ئېلىپ بېرىشكە 500 يۈەن ياردەم قىلدى.

  لى چۈنيەن مۇنداق دېدى :«مەھەللىمىزدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلار بىر قەدەر كۆپ، مەن ئازراق پۇل ياردەم قىلىپ، كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم. قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلارنىڭ بالىلىرى خۇشاللىققا ئېرىشىشنى، كۈنلىرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيمەن».

  شايار بازىرى «خوتەن يولى» مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نىيۇ يىڭ مۇنداق دېدى :«بۈگۈنكى پائالىيەتتە مەھەلىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلار پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتكى مېھىرىبان كىشىلەرنىڭ يەتكۈزگەن ئىللىقلىقىدىن بەھرىمان بولدى ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە چوڭقۇرلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى».

  ئىگىلىنىشچە، «خوتەن يولى» مەھەللىسى بۇ يىل مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا ئائىت خىزمەتلەرنى كۆپلەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تۈرلۈك پائالىيەت جەريانىدا بىۋاستە تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق – تۇغقاندەك ياخشى مۇناسۋەت كەيپىياتىنى شەكلەندۈرۈپ، ئىناق مەھەللە قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر