باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئارمىيەسى پاراخوتلىرى ئېگېي دېڭىزىدا ئوت ئېچىپ تۈركىيەنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

2015.12.15 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 13-دېكابىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ: ئىككى كېمىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ بىر قوغدىغۇچى كېمىسى شۇ كۈنى ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى ساھىلدە تۈركىيەنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسىگە ئۇت ئېچىپ ئاگاھلاندۇردى دېدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەنىڭ «زېرەك» نامىلىق بىر قوغدىغۇچى كېمىسى ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى ساھىلدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا، مىڭ مېتىر يەردە تۈركىيەنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. رۇسىيەنىڭ قوغدىغۇچى كېمىسىدىكى خادىملار كۆپ قېتىم بۇ بېلىقچى كېمىسى بىلەن سىمسىز ئالاقىلاشماقچى بولغان ھەمدە سىگنال چىرىغى ۋە بەلگە ئوقى ئېتىپ بېلىقچى كېمىسىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەنىڭ بېلىقچى كېمىسى ئىنكاس قايتۇرمىغان. رۇسىيەنىڭ قوغدىغۇچى كېمىسى بېلىقچى كېمىسىگە زىيان يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا بېلىقچى كېمىسىنىڭ ئالدىغا ئوت ئاچقان.

  رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتتى. ئارقىدىن رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ساھىلىگە ھەربىي پاراخوتنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر