باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.12.11 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 -دېكابىر خەلق سارىيىدا، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى داۋاملىق كۈچەيدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى پىلانلاپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشقانلىقى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. بۈگۈن ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى ، جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن سىياسەت ئالاقىسى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا كۆرۈش پىرىنسىپى ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق مەنپەئەت نۇقتىسىنى توپلاپ، جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ئەزەربەيجاننىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرسە بولىدۇ. جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن قانۇن ئىجراسى جەھەتتىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بىر قاتار زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ئوخشاش ياكى ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ، جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى مېخانىزمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆلىنىشكە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئەلىيېف مۇنداق دېدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا نىسبەتەن ئىجابىي ئېنېرگىيە. ئەزەربەيجان جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى خوشاللىق بىلەن كۆرۈپ يەتتى،بىز « بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى پائال قوللايمىز، ئالاقىدار ھەمكارلىققا قاتنىشىشنى خالايمىز. ئەزەربەيجان جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئويناۋاتقان مۇھىم رولىغا يۇقۇرى باھا بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى، «جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» ۋە ئىقتىساد سودا، ئەدلىيە، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، مائارىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئەلىيېف شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر