باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە ئۆمىكى سانجى ئوبلاستىدا ئىككى يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

2015.12.14 16:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەن دۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ 11 – دېكابىر سانجى ئوبلاستىدا مەخسۇس تېمىدا دوكلات بەردى. سانجى ئوبلاستىنىڭ تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ كادىرلىرى بولۇپ 600دىن ئارتۇق كىشى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  جۇ گاڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شىنجاڭنىڭ ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي نىشانى، ئاساسىي ئىدىيەسى ھەم بىر قاتار يېڭى ھۆكۈم، يېڭى قاراش ۋە يېڭى تەلەپلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.

  سانجى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ما شيۇڭچېڭ مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىزدا ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە تۈرلۈك شەكىلدىكى لېكسىيە ۋە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىدىيە ۋە تونۇشىنى يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيمىز.

  سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋەن گوبىن مۇنداق دېدى: ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، بولۇپمۇ بەزى يېڭى تۈر، يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز. يېزا ئىگىلىكىدىكى بەزى ئىلغار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى رايونىنى مەملىكەت بويىچە زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كۆزنەك ۋە بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر