باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نەنجىڭدا 2015-يىللىق نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2015.12.14 17:16   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نەنجىڭدا 2015-يىللىق نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

  13-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 13-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭ شەھەرلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا 2015-يىللىق نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  لى جيەنگو مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يەردە داغدۇغىلىق تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان بىگۇناھ كىشىلەرنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىشىغا ئۇچراپ قازا قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە مىللىي قەھرىمانلارنى ئەسلىدۇق. مۇشۇ پەيتتە ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەت، پاجىئەلىك كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر بۇ كۈن تارىختا مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى پاجىئەلىك دېلوسىدىن ئىبارەت دۇنياۋى ئەھمىيەت ۋە مۇھىم تەسىرگە ئىگە تارىخ دەرسلىكى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تىنچلىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى بىلدۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ
      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…