باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى» كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ

2015.12.14 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى يېقىندا 663-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئېلان قىلدى، «نىزام» 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» جەمئىي 23 ماددا بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارنى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن جايلارنى داۋاملىق شارائىت ھازىرلاپ تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈردى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولاي مۇلازىمەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: بىرىنچى، مەجبۇرىي مائارىپ، ئاساسىي جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق توققۇز ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش قاتارلىق يەتتە قولاي مۇلازىمەت؛ ئىككىنچى، پەلەمپەيسىمان ھوقۇق بېرىش مېخانىزمى ئارقىلىق جايلاردىن پائال شارائىت ھازىرلاپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسىنى تەمىنلەيدىغان جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولاي مۇلازىمەت دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ۋە قەرەللىك جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسىنىڭ ئولتۇراشلىق جاينىڭ دائىملىق نوپۇسىغا ئىلتىماس قىلىش، تىزىملاش يوللىرى ۋە ھەر قايسى شەھەرلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر