باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياشلىق مېلودىيەسىدە ياڭرىغان سادىقلىق مارشى

2015.12.14 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  −ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا - بازارلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلغانلىقى توغرىسىدا (4)

  ياڭ جيې، جاۋ شيا

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - بازارلىرىدا خىزمەت شارائىتى جاپالىق، ۋەزىپە ئېغىر، ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، ئىرادىلىك ياشلارغا چېنىقىدىغان زېمىن، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە، غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەرسخانا ھازىرلاپ بەردى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ئۆگەنگەن بىلىم ۋە تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، قان - تەرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلاملاردا ئاققۇزۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا ئەمەلىي نەتىجە يارىتىپ، ياشلىق مېلودىيەسى ئارقىلىق سادىقلىق مارشىنى ياڭرىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق زىممىسىگە ئېلىش روھىنى نامايان قىلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى چوڭ قېچېچى كەنتىدە پاڭ زىجيەن ئىسىملىك شەندۇڭلۇق بىر يىگىت بولۇپ، ئۇ مەزكۇر كەنتتىكى ھەممە كىشىنىڭ يېڭى دوستىغا ئايلاندى.

  ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى يەنتەي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايون ئۇنى تۇنجى تۈركۈمدە قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ناھىيە ئىككىنچى تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا پاڭ زىجيەن بۇنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەيدىغان، ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق چوڭ قېچېچى كەنتىگە چۈشتى.

  پاڭ زىجيەن 30 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن چوڭ قېچېچى كەنتىدىكى 72 ياشلىق مامۇت قۇربان ۋە بىر نەچچە كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئانچە راۋان بولمىغان ئۇيغۇر تىلىدا كۆپچىلىككە سالام قىلىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. «كەچتە ئۆيۈمگە تاماققا كېلىڭ، نېمە بولسا شۇنى بىللە يەيمىز، تارتىنماڭ» دېدى مامۇت بوۋاي قىزغىنلىق بىلەن پاڭ زىجيەننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.

  مامۇت بوۋاي مۇنداق دېدى: بۇ يىگىت گەرچە يېزا كادىرى بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى كەمتەر، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، كىبىرى يوق، ھەر قېتىم كەنتتە يىغىن ئېچىلسا، كۆپچىلىكنى دەرۋازا ئالدىدا كۈتۈۋالىدۇ ھەم بىزگە چاي قۇيۇپ بېرىپ ئوبدان كۈتىدۇ، قۇلىقى يۇمشاق، ئۇ يەنە توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغقا قاتنىشىدۇ، بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ.

  ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن پاڭ زىجيەن قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بۇنداق چىقىشىپ كەتكەن؟ كەنت مەيدانىدا لەرزان مۇزىكا ياڭراپ، كەنت ئاھالىلىرى كەينى - كەينىدىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، پاڭ زىجيەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىدۇ، قىزغىن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كۆپچىلىك ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچىنى ئۆگىتىدۇ.

  پاڭ زىجيەن يېزىغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك، تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ بوش ۋاقىت تاپسىلا دېھقانلارنىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پاراڭلىشىدۇ. دەسلەپتە بەزىلەر بۇ يىگىت كەنتتە ئۇزاق تۇرالمايدۇ، شەكىل ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، نەچچە كۈندىن كېيىنلا يېزىغا قايتىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن نەچچە ئاي ئارىلىشىش ئارقىلىق پاڭ زىجيەن سەمىمىيلىكى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئەمدى يۇرتداشلار ئۇنىڭغا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ئېيتىدىغان بولدى، ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولدى ھەم ئۇنىڭدىن چارە - تەدبىر سورايدىغان بولدى. ئەمەلىي تۇرمۇشتا پاڭ زىجيەنمۇ ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەشنى، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشنى، شۇنىڭدەك كەنت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى ئىگىلەشنى بىلىۋالدى. نەتىجىدە يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تەدرىجىي چۈشىنىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق يېزا كادىرى بولۇپ قالدى.

  پاڭ زىجيەن ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە بەزى يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىقى، بەزى بالىلارنىڭ كىچىك ياغاچ تاختىنى پالاق قىلىپ، سېمونت سۇپىدا تىكتاك توپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ: ھەر قېتىم مۇشۇلارنى كۆرگىنىمدە، ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەرسەم بولار؟ دېگەن مەسىلىنى كۆپرەك ئويلىدىم، دېدى. ئۇ يۇرتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى كەنتتىكى بالىلار ئۈچۈن كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلىشقا، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى بالىلارغا ئوقۇش بۇيۇملىرى ۋە تەنھەرىكەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. كۆپچىلىك ئۇنى پائال قوللاپ، قىممىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان تەنھەرىكەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئوقۇش بۇيۇملىرى، 30 مىڭ قۇردىن ئارتۇق كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلىدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى ۋە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش بۇيۇملىرىنى كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە تەنھەرىكەت مەيدانلىرى پۈتتى، تەنھەرىكەت ئۈسكۈنىلىرى كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئۆستى.

  چوڭ قېچېچى كەنتىدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار بىر قەدەر كۆپ. پاڭ زىجيەن ئالىي مەكتەپتە ئىگىلىگەن يىراقتىن ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش تېخنىكىسى ۋە كەنتتىكى يىراقتىن ئوقۇتۇش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يىراقتىن ئوقۇتۇش جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ھەر بىر ياشقا تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەپتىدە بىر قېتىم قاراتمىلىق ھالدا «مۇندەرىجە» بويىچە ئەمەلىي تېخنىكىلارنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرىدۇ. كەنتتىكى چېۋەر ئۇستىلارنى نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى؛ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئۆگىنىشكە، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلاردا بېيىشقا ئاتلىنىش قارىشى پەيدا بولۇپ، بېيىش يوللىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىدى. پاڭ زىجيەن بىلەن كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئامما ئارىسىدا قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ، «ئۈزۈلمەس رىشتە» باغلاندى.

  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا كەلگەن مۇنەۋۋەر ياشلار پاڭ زىجيەنگە ئوخشاش جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەرلىكتىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  شەندۇڭلۇق يىگىت يۈ يۆمېڭ ھازىر قەشقەر شەھىرىدىكى پاختەكلى يېزىسىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇلتۇر قىشتا يۈ يۆمېڭ يېزىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي كەنتكە چارلاشقا بارىدۇ، كوچا ئېغىزىدا ياشانغان بىر موماي كېلىپ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە گەپ قىلىدۇ. يېنىدىكى خىزمەتدىشى تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كېيىن يۈ يۆمېڭ موماينىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىدۇ. ئەسلىدە موماي ئۇنىڭغا: ھاۋا بەك سوغۇق، جاپا تارتىپسىلەر، ئۆيۈمگە كىرىپ ئىسسىق چاي ئىچىپ نان يەڭلار، سىلەر ياخشى بالىلار، ياخشى كادىر ئىكەنسىلەر، دېگەنىدى. موماي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ باشبارمىقىنى چىقاردى.

  ھەر كىم ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن سۆز قىلىش

  «ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە بىزدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت بىر ئىشنى قىلىۋاتىدۇ»، دېدى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى غالىبىيەت مەھەللىسىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى تاڭ گۈەنلىن 1 - نويابىر.

  تاڭ گۈەنلىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مەززىلىك تائاملىرى، شىنجاڭدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى تور سۇپىسى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزىدە بىر سۈرەت، بىر كىچىك سىن فىلىمى ئارقىلىق بۇ يەردە كۈننىڭ سائەت قانچىدە چىقىپ قانچىدە ئولتۇرىدىغانلىقى، خىزمەت ئەھۋالىم قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوست - بۇرادەر، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمغا شىنجاڭنى ئاستا - ئاستا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. بەزىدە شىنجاڭنىڭ قوغۇن - تاۋۇزلىرىنىڭ ئۆسۈش ۋاقتىنى توردا تونۇشتۇردۇم، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوستلىرىم تونۇشتۇرۇشۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلدى. تېخىمۇ كۆپ كىشى تۇرپاننىڭ ئۈزۈمىدىن باشقا، ئاقسۇنىڭ ئالمىسىنى بىلىۋالدى. تاڭ گۈەنلىن شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلەندى.

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ ياقا بازىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خۇنەنلىك تاڭ شېڭبو شىنجاڭغا كەلگىلى بىر يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلدى. ئۇنىڭ مەكتىپىدىكىلەر ئۇنى ئانا مەكتىپىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش داۋامىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر مەكتەپكە قايتىپ لېكسىيە سۆزلەشكە توغرا كەلسە، جەزمەن بۇ يەردىكىلەرنىڭ نەقەدەر ساددا، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىمەن ھەم كۆپچىلىكنى شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن. بۇلتۇر يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ شىنجاڭغا بېرىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ كۆپ ئارىسالدى بولغانلىقى ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېسىدە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراق جايدىن ئۈرۈمچىگە، جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگىنىمدە ئاندىن بۇ يەرنىڭ ئويلىغىنىمدىكىدەك ئەمەس ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكىلەرنىڭ تىنچ ۋە ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

  مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىشنى بايقىدى، يەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا كەلگەن كۆپ ساندىكى ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈندىدار، QQ توپىدىكى ئىسمىنى ھەسەنجان، ئايشەم، رەناگۈل قاتارلىق ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپتۇ. ئۇلار شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، لايىقى ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان...

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ خۇنەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىن شىنجاڭغا كەلگەنلەر يەنە ئورتاق بىر تەشۋىقات سۇپىسى قۇردى، ئۇ بولسىمۇ «ياشلىق ئارزۇسى. جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىش داۋامىدا ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي ھەم ئىللىق شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلغان.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر