خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-دېكابىر تۈركمەنىستاننىڭ مارىي ئوبلاستىدا، پاكىستان زوڭلىسى شېرىف، ئاففانىستان زوڭتوڭى غەنى، تۈركمەنىستان زوڭتوڭى بەردىمۇھەممەتوف، ھىندىستان مۇئاۋىن زوڭتوڭى ئەنسارى (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا) تەبئىي گاز تۇرۇببا يولىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تۈركمەنىستان- ئاففانىستان _ ھىندىستان _ پاكىستان (تاھب) تەبئىي گاز تۇرۇببا يولىغا ئىش باشلاش ۋە «گۈللىنىش» گازلىقى ئۈچۈنچى قەرەللىك تەبئىي گاز سانائىتى ئەسلىھەلىرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى شۇ كۈنى تۈركمىنىستاننىڭ مارىي ئوبلاسىتدا ئۆتكۈزۈلدى. تاھب تۈرىنى قۇرۇشنى 2003-يىلى تۈركمەنىستان ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تۇرببا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1814كېلومېتىر، پىلاندىكى يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقتارى 33مىليارد كۇب مېتىر كېلىدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى