خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:14-دېكابر چۈشتىن كېيىن، ئان - 225 تىپلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى تەخمىنەن 180 توننا ئۈسكۈننى توشۇپ شىجياجۇاڭ ئايرودرومغا 8-قېتىم قوندى. بۇ قېتىم گېرمانىيە مەلۇم ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان قېلىپى توشۇلدى. ئۇچۇش لىنىيەسى گېرمانىيەنىڭ لېيپسىگدىن ئۇچۇپ يولدا تۈركمەنىستان، قازاقىستاندا توختاپ شىجياجۇاڭ ئايرودرومغا قونغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ترانسپورتى ئارقىلىق بېيجىڭغا توشۇلغان.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى