باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومى قارار چىقىرىپ، مەمەتجان توختىنىيازدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2015.12.15 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومى14- دېكابىر قارار چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىنقىلابىي قۇربان، 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى مەمەتجان توختىنىيازدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ج خ خەلق ساقچىلىرىنى ئۇنىڭ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، قۇربان بېرىشتىن باش تارتمايدىغان قەھرىمانلارغا خاس جاسارىتى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، ئامما رازى بولىدىغان خەلق ساقچىسى بولۇشىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.

  مەمەتجان توختىنىياز ھايات ۋاقتىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇلۇپ، 33يىللىق ساقچىلىق ھاياتىدا بىر تۈركۈم چوڭ زوراۋانلىق - تېررورلۇق دېلوسى، مۇھىم دېلولارنى پاش قىلىپ، ئىلگىرى - كىيىن مەملىكەت بويىچە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتىكى ئىلغار شەخس، شىنجاڭ بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن سىستېمىسى بويىچە 10مۇنەۋۋەر ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك، ئىككى قېتىم 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىەتكەن.

  بۇيىل 13-ئۆكتەبىر، مەمەتجان خەلق ساقچىلىرى ۋە چارۋىچىلارنى باشلاپ، باي ناھىيىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا « 18 - سىنتەبىر » دېلوسىدىكى زوراۋان - تىرورچى كۈچلەرنى ئاختۇرىدۇ. يەرشەكلى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، قىسمەن چارۋىچىلار قوشۇندىن ئايرىلىپ قالىدۇ، مەمەتجان ئۇلارنىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرەپ، يول بويى ئاتلىق ئىزدەيدۇ،يولدا زوراۋان - تىرورچى كۈچلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تۇتقۇن قىلىنىپ، رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

  مەمەتجان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق سۆكۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلغان. مەمەتجان ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىمۇ چارۋىچىلارنى قوغداشنى ئويلاپ، زوراۋان - تېررورچىلاردىن قىلچە قورقۇپ قالماي، ئىنتايىن مەردانىلىك بىلەن زوراۋان - تېررورچىلارغا: ئامما گۇناھسىز، ئۆلتۈرسەڭ مېنى ئۆلتۈر، ئۇلارنى قويۇۋەت! دېدى.

  ئاپتونوم رايون 11 - دېكابىر ئۆتكۈزگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش، سەپەرۋەر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا، مەمەتجان توختىنىيازغا ئىنقىلابىي قۇربان،مەملىكەت بويىچە ج خ سىستېمىسىدىكى 1 – دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ شەرەپلىك نام بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومى ئاپتونوم رايون بويىچە ج خ ئورگانلىرى ۋە ج خ ساقچىلىرىنى مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، بۇرچنى ئادا قىلىشتا ئۆزىنى بېغىشلاشتىك سىياسىي خىسلىتى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشىى، ئۇنىڭ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، قۇربان بېرىشتىن باش تارتمايدىغان قەھرىمانلارغا خاس جاسارىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان قەيسەر ئەزىمەتلەرچە روھى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھېرىش - چارچاشقا ۋە تاپا - تەنىگە پەرۋا قىلماي، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، كۆپچىلىكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولۇشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇيدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ھېسسىياتى، ئامما رازى بولىدىغان خەلق ساقچىسى بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىدىغانلىقىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر