باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى

2015.12.14 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە مەكتىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە ماسلىشىپ، پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  بىرىنچى، پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى

  (بىرىنچى) پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئېھتىياجى. ئۇزۇندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيىمىز ھازىر خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىشتە پارتىيە، مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش مۇھىم ھالقا. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئادا قىلىشتا، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، يېڭىلىق يارىتىشچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ پارتىيە ئەزاسى، رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى ئاساسلىق يول رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، تارىخىي، دىئالېكتىكىلىق، يېڭىلىق يارىتىشچان، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار، ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىدارى يەتمەسلىك، «قابىلىيەت كرىزىسى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر