باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، ليۇ يۈنشەن سۆز قىلدى

2015.12.14 17:11   مەنبە: خەلق تورى

پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتى يىغىنى 11-دېكابىردىن 12-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پولاتتەك ئېتىقاد، ئىشەنچ، ئىنتىزامغا ئىگە مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ زىممىسىگە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىرادىسىنى تىكلەپ كۈچەيتىپ، ئاساسىنى چېڭىتىشتەك مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەنگەن، چوقۇم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك تۈپ پرىنسىپدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەكتىپى ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيە مەكتىپى پارتىيە تەربىيەسى بويىچە رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئاساسلىق يولى. مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە پارتىيە مەكتىپى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەخسۇس كادىرلارنى تەربىيەلەش پارتىيىمىزنىڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئۇزۇندىن بۇيان، پارتىيىمىز پارتىيە مەكتىپى ئىستىھكامىدىن پايدىلىنىپ، زور تۈركۈم رەھبىرىي تايانچلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ داۋاملىق غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەت، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ساقلىشى، ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ
      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…