باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەدە ئەسەبىي ئوڭچى پارتىيە چوڭ رايون سايلىمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشىدە مەغلۇب بولدى

2015.12.15 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13-دېكابىر ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە چوڭ رايون سايلىمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشىدە، سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، كۆچمەنلەر ۋە شېنگېن كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغان ئەسەبىي ئوڭچى پارتىيە خەلق فىرونتى ھېچقايسى چوڭ رايوندا غەلىبە قىلالمىغان، شۇڭا چوڭ رايون پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. فىرانسىيەدە 13 چوڭ رايون بار، ئوڭچى پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يەتتە چوڭ رايوندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بەش چوڭ رايوندا غەلىبە قىلدى. دەسلەپكى ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى، فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىس سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلق فىرونتىنىڭ ھېچقانداق چوڭ رايوندا غەلىبە قىلالمىغانلىقىدىن كۆڭلۈم تىنغىنى ياكى كۆرەڭلەپ كەتكىنىم يوق، چۈنكى ئەسەبىي ئوڭچى كۈچلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان خەتەر تۈگىگىنى يوق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر