باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىنىدۇ

شەرتى: 45 ياشتىن تۆۋەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئاز دېگەندە ئۇدا يەتتە يىل تاپشۇرغان بولۇشى كېرەك

2015.12.11 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى 10-دېكابىر چۈشتىن كېيىن «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى(دەسلەپكى لايىھە تەكشۈرۈشكە سۇنۇلدى)» ۋە «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، بېيجىڭ شەھىرى گوۋۇيۈەن يېقىندا ئېلان قىلغان «ئولتۇراقلىشىش ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا كەلگەنلەرنىڭ مۇلازىمەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ج خ ئىدارىسى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى(دەسلەپكى لايىھە تەكشۈرۈشكە سۇنۇلدى)»نى تەييارلاپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان، شەھەرلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تەييارلىغان. ئىككى يېڭى سىياسەت 10-دېكابىردىن 30-دېكابىرغىچە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر قوبۇل قىلىدىكەن.

  «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»غا ئاساسەن، ئىلتىماس قىلغۇچى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندە شەرتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىشى كېرەك: بىرىنچى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بولۇشى؛ ئىككىنچى، 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى؛ ئۈچىنچى، بېيجىڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان ۋاقتى ئۇدا يەتتە يىل ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى؛ تۆتىنچى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى؛ بەشىنچى، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت خاتىرىسى بولماسلىقى كېرەك. جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى ئاساسىي كۆرسەتكۈچ ۋە يېتەكلەش كۆرسەتكۈچىدىن تەركىب تاپقان. ئاساسىي كۆرسەتكۈچ قانۇنلۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇ، مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېتەكلەش كۆرسەتكۈچى خىزمەت-تۇرالغۇ رايونى، ساھەلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى راۋانلاشتۇرۇش، تەڭشەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى، باج تاپشۇرۇش، ئىناۋەت خاتىرىسى، قانۇنغا بويسۇنۇش خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى كۆرسەتكۈچتە ئېرىشكەن نومۇر قوشۇلۇپ ئومۇمىي جەملىمە نومۇر ھېسابلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر