باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.12.10 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىندى ۋە ئىلھام بېرىلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنۇش ئارقىلىق گۇۋۇيۈەنگە پاي چېكى تارقىتىشنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى يولغا قويۇش جەريانىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەڭشەپ ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ۋە «جۇڭگو تېبابىتى دورا قانۇنى(دەسلەپكى لايىھەسى)»ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز كارخانىلىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا سەل قارىماي، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار رىقابىتىدە سۈپەتنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تايانچ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەلگۈسى ئىككى يىلدا سۈپەتنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك، بىرىنچى، بازار ئېھتىياجىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشنى ياخشىلاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشتە «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» سۇپىسى قۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپ گۇرۇھى ۋە مەركەز پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساھەلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى زىممىسىگە ئالغان پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ پەن-تېخنىكا گۇرۇھى قۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە ھالقىلىق تېخنىكىلاردا كۈچ چىقىرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چۆرىدەپ، «ئالاقە تورى +» قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تېز پويىز، يادرو ئېلېكتر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتر تورى قاتارلىقنىڭ كەسىپ زەنجىرى بويىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى، مۇھىت ئاسراش، سۈپەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغان ۋە ئۇزاق مۇددەت زىيان تارتقان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجتىن ئاشقان ساھە، كارخانىلارنى تاقاش، ئۆزگەرتىش ياكى قايتىدىن تەشكىللەش كېرەك، ئۇدا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى زىيان تارتقان ۋە قۇرۇلمىلىق تەڭشەش يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كارخانىلارنىڭ مۈلكىنى قايتىدىن تەشكىللەش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ۋەيران قىلىش، تازىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆلۈك كارخانىلارنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، تىجارەت خاراكتېرلىك زىيان تارتىدىغان كارخانىلارنىڭ زىيان سوممىسىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئاشقان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ۋە ھالقىلىق ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، «تەننەرخنى كونترول قىلىپ، ئۈنۈمنى رەت قىلىش» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇپ، زاپاس مال ۋە ھېساباتتا تاپشۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك پۇلنى ئېنقىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقىغا كېتىدىغان چىقىمنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، باشقۇرۇش قاتلىمىنى ئازايتىپ، مائاش، ئۈنۈم بىرلەشمە ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، چەكلەش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكىسىيەسىنى ئايرىش كېرەك، 2016-يىلغىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سۇ، توك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە خوجىلىق باشقۇرۇشنى ئايرىپ تاپشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى ئايرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى سىياسەت ئارقىلىق قوللاپ، سودا بانكىلىرىنىڭ ناچار مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەددىدىن ئارتۇق ساھەلەرنىڭ تىرىلمەس ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ ھېسابتىن ئۆچۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يىغىندا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بايقىغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر