باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇ يوۋيوۋ 2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2015.12.11 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگولۇق ئايال دورىشۇناس تۇ يوۋيوۋ 10-دېكابىر شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم مۇزىكا زالىدا 2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو بويىچە تۇنجى نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمغا ئايلاندى. شۋېتسىيە خان جەمەتى، ھۆكۈمەت كابىنېتى، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ئاپپاراتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۆمىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلاردىن 1500 كىشى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  تۇ يوۋيوۋ شۋېتسىيە پادىشاھى كارل XVI گۇستافنىڭ قولىدىن نوبېل مۇكاپاتى مېدالى ۋە گۇۋاھنامىسىنى ئالدى. نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە تېببىي مۇكاپاتىنى باھالىغۇچى خانىس فورسبېرگ مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلغاندا تۇ يوۋيوۋنىڭ پەن-تېخنىكىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: 20-ئەسىرنىڭ 60-، 70- يىللىرى تۇ يوۋيوۋ جۇڭگونىڭ بەزگەكنى داۋالايغان دورا ياساش بىر مۇھىم تۈرىگە قاتناشقان. ئارتىمېتسېننىڭ بايقىلىشى بەزگەككە قارشى تۇرغۇچى دورا ياساپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇپ، نەچچە مىليون كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر