باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپاندا «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى ئىزلەش پائالىيىتى ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

2015.12.11 16:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى قانات يايدۇرغان «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ۋە «گۈزەل ھويلا - ئارام»لارنى ئىزلەش پائالىيىتى ناھىيەدىكى كەڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، ناھىيەنىڭ مەنىۋى - مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشى ۋە تىنچ ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ۋە «گۈزەل ھويلا - ئارام»لارنى ئىزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، تازىلىق، مۇھىت قۇرۇلۇشى، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلىش، ياخشى قېيىنئانا، ۋاپادار كېلىن قاتارلىق نام - شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئائىلىلەر ئىچىدىن شەخس ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرى كۆرسىتىش، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش، ئارقا تەكشۈرۈش قىلىپ نام بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تاللاش ئېلىپ باردى. ھازىرغا قەدەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە نام بېرىلگەن «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» 32گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»دىن بىرسى، ۋىلايەت دەرىجىلىك «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»دىن سەككىزى بارلىققا كەلدى. 14 كەنت، 8460 ئائىلە «گۈزەل ھويلا-ئارام» بەرپا قىلغان ئۈلگىلىك ئائىلە دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ ئارقىلىق ناھىيەنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باشقىلارنى دوستانە، مەدەنىيلىككە ئۈندەيدىغان ئورۇنلار يەنىمۇ كۆپەيدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر