باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىۋەر قول خانىم - قىزلار دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمەكتە

2015.12.11 16:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت، لو پىڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاقسۇ تاشيول ئىدارىسىنىڭ قۇمباش يېزا باغۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتە قول – ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە كەنتتىكى 16 كەشتە ھەۋەسكارى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزگىچە، كۈچلۈك مىللىي پۇراققا ئىگە 24 پارچە كەشتە بۇيۇملىرىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى، پائالىيەت 300دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  پائالىيەت ئاخىرىدا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار بەش پارچە ئەڭ كۆركەم كەشتىنى ۋە كەشتە ئىگىسىنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىزغىنلىقىغا مەدەت بەردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت كەنت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىپلا قالماي يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان تىرىشچان، چېۋەرلىكىنى نامايەن قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر