باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە سۇرىيەدە ئىرقىي تازىلاش قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2015.12.11 11:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر رۇسىيەنى سۇرىيەدە «ئىرقىي تازىلاش» يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق دېدى. ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ ئىراققا ئەسكەر چىقىرىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.

  زاخاروۋا تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارا چاپلىشى بىر قېتىملىقلا ئىش ئەمەس، رۇسىيە بۇ ھەقتە بۇ خىل قىلچىمۇ ئاساسى يوق ئەيىبلەش-تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە بولغان يولسىز ئاچچىقىنى چىقارغانلىق دەپ قارايدۇ دېدى.

  تۈركىيە 24-نويابىر تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى دېگەن سەۋەب بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتتى. رۇسىيە تۈركىيەگە كەڭ كۆلەملىك جازالاش تەدبىرىنى قوللاندى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېغىز ئۇرۇشى ئۆزلۈكسىز كەسكىنلەشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر