باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زوڭتوڭى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى

2015.12.11 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغان 10-دېكابىر ئەنقەرەدە تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىغا كىرگەن قىسىملىرىنى چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئەردوغان، موسۇل شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈركىيە قىسىملىرى كۆرەشچى قىسىم ئەمەس، بەلكى يېتەكچىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى؛ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا تۇرۇشىنىڭ موسۇل ئۆلكىسى باشلىقىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ 2014-يىلدىن بۇيان ئىراق كۇردلار رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى تەربىيەلەشكە ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىراق تاراتقۇلىرى ئالدىنقى كۈنى باتاليون دەرىجىلىك كۆلەمدىكى تۈركىيەنىڭ بىر تانكا قىسمىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ ئىراققا كىرىپ، ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى موسۇل ئەتراپىغا ئورۇنلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئىراق ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم تۈركىيە تەرەپنى رۇخسەتسىز چېگرادىن كىرگەن تۈركىيە قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە تەرەپ ئىراققا كىرگەن قىسىملىرىنى چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر