باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيەدە 150مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ترامپنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەشكە ئىمزا قويدى

روللىڭ: ترامپ ۋولدىمورتتىنمۇ رەزىل ئىكەن

2015.12.11 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېركا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭ نامزاتى ترامپنىڭ يېقىندا دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش ھەققىدىكى سۆزلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىنگىچە، ئەنگىلىيەدە 150مىڭدىن ئارتۇق كىشى توردا بىرلىكتە مۇراجەتنامە ئىمزالاپ، ترامپنىڭ ئەنگىلىيە چېگراسىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، شوتلاندىيە ئاھالىسى كېرى 8-دېكابىر ھۆكۈمەت تورىغا مۇراجەت خېتى ئېلان يوللىغان بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئىلگىرى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، ئەگەر ئەنگىلىيە بۇ مىزاننى داۋاملىق قوللىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا باي-كەمبەغەل ياكى ھوقۇقدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىگە ئوخشاش قارىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. مۇراجەتنامىگە ئونمىڭ ئادەم ئىمزا قويسا ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تۈردە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، ئىمزا قويغان ئادەم سانى يۈزمىڭگە يەتسە پارلامېنت مۇھاكىمە قىلىشنى ئويلىشىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگىلىيە تۆۋەن پارلامېنتى ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى ھۈسەيىنمۇ تەكلىپ بېرىپ، ترامپ مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىنى قايتۇرۇۋالغۇچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەكلىپ 6نەپەر پالاتا ئەزاسىنىڭ ئىمزا قويۇپ قوللىشىغا ئېرىشتى. بىراق مالىيە مىنىسىتىرى جورج ئوسبېن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل سۆھبەت ئارقىلىق ترامپنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش ئەمەس، دەپ بىلدۈردى.

  بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋەردە يەنە ئەنگىلىيەلىك داڭلىق يازغۇچى، «خاررىي پوتېر» ناملىق ھېكايىنىڭ ئاپتورى روللىڭنىڭمۇ ترامپنى ئەيىپلەش سېپىگە كىرىپ، ترامپنى «خاررىي پوتېر» ھېكايىلىرىدىكى چوڭ سەلبىي ئوبراز ۋولدىمورتتىنمۇ قەبىھ دەپ سۈپەتلىگەنلىكى كۆرسىتىلدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر