باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى «پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى

2015.12.11 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقاردى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەلەر كېڭىشىشى-جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئورتاق سىياسىي نىشانى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلىرى ھەم مۇھىم ئىشلار ھەققىدە ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقىرىشتىن بۇرۇن ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى يولغا قويۇش جەريانىدا، بىۋاسىتە سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىدىغان مۇھىم دېموكراتىك شەكىل. سىياسىي كېڭىشىشنىڭ مۇھىم تەركىبىنىڭ بىر قىسمى بولغان پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋە بىرلىكسەپ خاراكتېرىگە ئىگە بولغان خەلق تەشكىلاتلىرى، سودا ئۇيۇشمىلىرى تەشكىللىگەن سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىمۇ پارتىيەلەر كېڭىشىشىگە قاتنىشىشى كېرەك. يولغا قويۇش پىكرىدە، پارتىيەلەر كېڭىشىشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، شەكلى، تەرتىپى ۋە كاپالەت مېخانىزمى قېلىپلاشتۇرۇلدى. يولغا قويۇش پىكرىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى-جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. پارتىيەلەر كېڭىشىشىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپنىڭ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەلەر كېڭىشىشىنىڭ قېلىپلىق، تەرتىپلىك، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر