باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىدە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭ شەھەرلىرىگە توشۇلدى

2015.12.11 16:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭ شەھەرلىرىگە توشۇلدى، بۇ پۇقرالارنىڭ كۆكتات سودىسىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزا ماۋشېڭ مېۋە - كۆكتات تېرىش مەخسۇس كوپراتىپىدا، مۇخبىر 600 مو يەردىكى 50تىن ئارتۇق كۆكتات پارنىكىنى كۆردى، ھۆددىگەر ئائىلە لۇ جېڭچۈنىڭ نەزىرىدە بۇ پارنىكلار ئۇنىڭ بېيىشتىكى گۆھىرى ئىدى. 2014 - يىلى لۇ جېڭچۈ ماۋشېڭ مېۋە - كۆكتات تېرىش مەخسۇس كوپراتىپىنى قۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا قەدەم قويدى. ماۋشېڭ مېۋە - كۆكتات تېرىش مەخسۇس كوپراتىپىنىڭ مەسئۇلى لۇ جېڭچۈ مۇنداق دېدى :«13 پارنىكتا پەمىدۇر بار، سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى، ھازىر بىر پارنىكتىن ئاساسەن 50 - 60 توننا مېۋە ۋە كۆكتات چىقىدۇ».

  ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ماۋشېڭ مېۋە - كۆكتات تېرىش مەخسۇس كوپراتىپى ئىزچىل ئەزا قوبۇل قىلىپ، يەر كۆلىمىنى كېڭەيتتى، بۇ يىل ئۇلار يەنە 300 مودىن ئارتۇق پارنىكنى كېڭەيتىپ سېلىپ، ھەمكارلىق كوپراتىپى بىلەن دېھقان ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت كەسىپلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى كۆكتات تېرىشنى كەسىپلەشكەن ۋە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ يۈزلەندۈرۈپ، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات سورتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  يېقىندىن بېرى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشتىكى گۆھىرى بولۇپ قالدى. تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەسى پائال تەدبىر قوللىنىپ، «تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، سىياسەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇش، تېخنىكا بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئونسۇ ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلباھار ياسىن مۇنداق دېدى :«ناھىيەمىزدە 3 مىڭ 400 مو يەردە پارنىك، 12 مىڭ مو يەردە لاپاس بار، بۇ يىل يەنە 300 مو پارنىك كۆپەيتتۇق، كۆكتاتنىڭ بازار باھاسى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىش ئاكتىپلىقىمۇ يۇقىرى بولدى، بىزنىڭ تېخنىك خادىملىرىمىز دائىم دېھقانلارغا ئىلمىي باشقۇرۇش جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر