باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەل ئىشقىدا كۆيگەنلەر، ئەل بىلەن تەڭ كۈلگەنلەر

2015.12.11 16:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار بازىرى غوللۇق كەنتىگە «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى. كەنت ئاممىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقى دەپ بىلىپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاممىسىنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.

  بۇ خىزمەت ئەترىتى 2 - ئايدا كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان، ئائىلە زىيارىتى قىلىشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكىر - تەلەپلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلىدى. ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئامما ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانغا ئالدى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت مالىيە ئىشلىرىنىڭ قالايمىقان، ھېساب ئوچۇق بولماسلىقتەك ئەھۋالىغا قارىتا ئىشنى مالىيەنى تەرتىپكە سېلىشتىن باشلىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، كەنتنىڭ بەش يىللىق ھىسابىنى ئېنىقلاپ دېھقانلارنىڭ 450 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئەزالار مۇئامىلىسىنى يىغىپ غەزىنلەشتۈردى، 150 مىڭ يۈەنگە يېقىن كەنت قەرزىنى قايتۇردى.

  كەنت شىپاخانىسى ئون يىل بۇرۇن سېلىنغان بولۇپ، تام - تورۇسلىرى چۈشۈپ، يامغۇر ياغسىلا سۇ ئۆتۈپ كېتەتتى، شىپاخانىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدىن زەي پۇراپ تۇراتتى. بۇنداق شارائىت داۋالاش بۇيۇملىرىنى ساقلاشقا كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ غەملەپ، كەنت شىپاخانا قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىشىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  كەنت ئىقتىسادىنى زورايتىش، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، كەنت ھويلىسى شېغىل يېيىتىلغان توپىلىق مەيدان ئىدى. پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ھەممىلا ياقتىن توپا - چاڭ كۆتۈرلۈپ، كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتتە مۇقىم ھاجەتخانىنىڭ بولماسلىقى كەنت مۇھىت قۇرۇلۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا خىزمەت ئەترىتى تېزدىن تۇتۇش قىلپ، يۇقىرىغا تۈر يوللاپ يېڭى ھاجەتخانا سېلىپ بەردى. كەنت ھويلىسىدىكى 400 كىۋادىرات مېتىر مەيداننى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆلچەملىك مەيدانى بولماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى. كەنت ئالدىغا 185 كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدە 5 ئېغىزلىق ئىجارە دۇكان سېلىپ، كەنت ئۈچۈن يەنە بىر ئىقتىسادى مەنبە ياراتتى.

  بۇ كەنتنىڭ 3 - مەھەللىسىدىن كەنت كومىتىتىغا تۇتاشقان يول ئۇزۇندىن بۇيان رېمونت قىلىنمىغاچقا، يول ئاساسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قاتناش تۇرماق ئادەملەرمۇ تەستە ماڭىدىغان، قار - يامغۇرلۇق كۈنلەردە يول يۈزىدىكى كاتاڭلارغا پاسكىنا سۇ ۋە ئەخلەتلەر تولۇپ، يول يۈزىدىكى مەينەتچىلىكتىن كىشى سەسكىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. خىزمەت ئەترىتى يول ياساپ خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشنى يەنە بىر مۇھىم ئەلرايى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ، كەنت - مەھەللە تاشيولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش تۈرىدىن پايدىلىنىپ 1.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قارماي يول ياساپ، 3 - مەھەللىدىكى 125 ئائىلە، 680 نوپۇسنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ يول ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنالماسلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.

  بۇ يىل 12-ئاينىڭ باشلىرى بۇ كەنتتىكى 868 ئائىلە، 4500دىن ئارتۇق نوپۇس ئۈچۈن ئالاھىدە خۇشاللىنارلىق بىر كۈن بولدى. كەنت ئاھالىلىرى كېچىدىمۇ قول چىراق ئالماي مەھەللە يولىدا بىمالال يۈرەلەيدىغان بولدى. خىزمەت ئەترىتى 485 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان كەنت مەھەللە يوللىرىنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، 104 دانە قۇياش ئېنىرگىيەلىك يورۇتۇش چىرىقى پۈتۈن كەنت ئاسمىنىدا چاقناپ، كەنتتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئازادە، يورۇق كەنت يوللىرىدا مېڭىپ، شەھەرلىكلەر بەھىرلەنگەن يورۇق مۇھىتتىن بەھىرلىنىش ئارزۇسى ئاخىرى روياپقا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ يىل بېشىدا پىلانغا ئالغان بەش تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىشقا ئاشۇرلۇپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ ھاردۇقى چىقتى، كەنت ئەزالىرىنىڭ خۇشال كۈلكىسى ھەممە ياققا تارالدى. بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن ئەمەت تۇردى بوۋاي خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا :«خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەلگىنى بەكلا ياخشى بولدى، بۇلارنىڭ ياردىمىدە بىز كەنت ئاھالىلىرى چۈشىمىزدە كۆرۈپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا ئېرىشتۇق، زامانىۋىيلىقنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، پارتىيە، ھۆكۈمەت ھەقىقەتەن ئېسىل كادىرلارنى بىزگە ئەۋەتىپتۇ، بۇلار بولمىغان بولسا ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى بىز پەقەت تېلېۋىزورلاردىنلا كۆرگەن بولاتتۇق» دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر