باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شايار ناھىيەسىدە مېيىپ كىشلەرگە غەمخورلۇق قىلىنىپ، ياردەم ئۈسكۈنىلىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى

2015.12.11 16:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پەرھات مىجىت، چىمەنگۈل قاسىم خەۋەر قىلىدۇ) 3 - دېكابىر، 24 – قېتىملىق «خەلقئارا مېيىپلار كۈنى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شايار ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىىسى مېيىپ كىشلەرگە غەمخورلۇق قىلىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەدىكى مېيىپ كىشلەرگە تۇرمۇشتىكى كاشىلىلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، مېيىپ كىشلەرگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  بۇ كۈنى، شايار ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىدىكى خادىملار ھەر قايسى مەھەلىلەرگىچە بېرىپ، مېيىپ كىشلەرنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ ئۇلاردىن ھال سوراپ، تۇرمۇش توسالغۇلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ياردەم ئۈسكۈنىلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. تارىم دەريا ئولتۇراق مەھەللىسى ۋۇ خۇيلەن موماي بىر قانچە يىلىنىڭ ئالدىدا مېڭە ئارتېرىيە تىقىلمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، ھەرىكەت ۋە تىل ئىقتىدارىدىن قالغان. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە مېيىپلار بىرلەشمىسدىكى يولداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سالامەتلىكى خېلىلا ئەسلىگە كەلگەنىدى. بۈگۈن ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىدىكىلەر يەنە ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ياردەم ئۈسكۈنىلىرىنى ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا قولايلىق يەتكۈزدى.

  شايار بازىرى تارىم دەريا ئولتۇراق مەھەللىسىدىن ۋۇ خۇيلەن مۇنداق دېدى :«رەھبەرلەر دائىم كېلىپ مېنى يوقلاپ غەمخورلۇق قىلىدۇ، مەن ھازىر ھاسىغا تايىنىپ ئاز – تولا ماڭالايدىغان بولدۇم».

  خىزمەتچى خادىملار ھەر بىر مېيىپ كىشىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۇلار بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، قەيسەرلىك بىلەن ئۈمىدۋار ياشاشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جەمئىي 25 ئائىلىدىكى مېيىپ كىشىگە ھاجەتخانا ۋە ئۆينىڭ تاملىرىغا ئورنىتىلىدىغان تۇتقۇچ شەكىللىك تايانچۇق، پەلەمپەي تايانچۇقى قاتارلىق ياردەم ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى زور دەرىجىدە ھەل قىلىنغان. كېيىنكى قەدەمدە تېخىمۇ كۆپ مېيىپ كىشلەرگە بۇ خىلدىكى ياردەم ئۈسكۈنىلىرى ھەدىيە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئەڭ زور دەرىجىدە ھەل قىلىنىدىكەن.

  شايار ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى يوۋ خوڭ مۇنداق دېدى :«بۈگۈنكى مېيىپلار كۈنى پائالىيىتىدە، مېيىپ يولداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەد – پۈتۈن جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى مېيىپ كىشلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر