باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈردى

2015.12.11 16:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز ساتتار، راھىلە ئادىل خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان توقسۇ ناھىيەسى يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىش ئاساسىدا، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى.

  توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 270 مىڭ موغا مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئاشلىقنى كۆپ تېرىيدىغان يېزا - بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، تۈجۈپلەپ تېرىش، ئاشلىق ھوسۇلىنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى، ئاشلىقتا مول ھوسۇل ئېلىشقا دائىر ئۆلچەملىك تېخنىكا سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويدى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلچەملەشكەن، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رېتىسسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى. يېزا ئىگىلىك تەبىئىي ئاپىتىدىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش سېستىما قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى پائال كېڭەيتتى. «كۆك-تاق» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە باغ - ئورمانچىلىق، ئەسلىھەلىكتېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشبويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. مۇكاپاتلاشنى تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغادەسسىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ۋە تېرىقچىلىق،باقمىچىلىق جەھەتتە ئەلا سۈپەتلىك نەسىل، سورت يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش قۇرۇلۇشى ھەمدەزىرائەت ئۇرۇقچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچىكارخانىلار ۋە تۈرلۈك كەسپى ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يۆلەشنى كۈچەيتىش، يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېشىل، ئورگانىك، زىيانسىز ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋەيېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق توقسۇنىڭئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى ۋە بازاردىكى ئىگىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش بىلەنبىللە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر