باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

كۆپنىڭ ئەقلىنى مۇجەسسەملەپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش، كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.12.09 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-دېكابىر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى سىتىگلىتىز، دۇنيا بانكىسىدىكى خوفمەن، «مىكىنسېي» شىركىتىدىكى جوناسەن ۋە سەي ۋاڭ، شۆ لەن، خۇاڭ خەيجۇ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەركەزنىڭ «پىكىر»لىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپنىڭ ئەقلىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈشكە ئەقىل كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىشى، يىرىك پىلاننى دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلتۈرۈش ۋە خەلقئارانىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ «ئوتتۇراھال كىرىم توزىقى»دىن ئاساسىي جەھەتتىن ھالقىپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر