باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شوپۇر تەربىيەلەش ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى پىكىر» چىقىرىلدى

2015.12.11 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئارقىلىق «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شوپۇر تەربىيەلەش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىخەتەرلىك بىرىنچى بولۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، پايدىلىق بولۇش، ئاشكارا رىقابەتلىشىش، ئادىل، پاك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىسلاھات خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم ئىسلاھات ئىشلىرى سىنىقىنى باشلاش؛ 2017-يىلى ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇر يولغا قويۇش؛ 2018-يىلى ئىسلاھاتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، مۇلازىمىتى ياخشى، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان شوپۇر تەربىيەلەش بازىرى سىستېمىسى، ئاشكارا، ئېنىق، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتى روشەن، يۈرۈشتۈرۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل، پاك بولغان شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئاساسەن ئورنىتىپ، تەربىيەلەش ئىمتىھانىدىكى قولايسىزلىق، قېلىپسىزلىق، تېجەشلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاساسەن ھەل قىلىش لازىم. پىكىردە، ئالتە جەھەتتىكى 27 تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شوپۇر تەربىيەلەش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىر مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەلىك ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، يېقىندىن ماسلىشىپ، يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈشى؛ ئىسلاھاتنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىز قوغلاپ باھالاش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر