خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا فاكس ئاگېنتلىقىنىڭ 8-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن روسىيەنىڭ سوۋېت-24 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى شويگۇ شۇ كۈنى زوڭتوڭ پۇتىنغا ئەھۋالنى دوكلات قىلغاندا، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت-24 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن جايدىكى قوراللىقلارنى بىتچىت قىلغاندىن كېيىن، قارا قۇتىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، ئاخىرىدا سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ تېپىۋېلىپ روسىيە تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
پۇتىن روسىيەنىڭ چوقۇم بارلىق تەپسىلاتلارنى بىلىشى كېرەكلىكىنى، قارا قۇرىنىڭ سوۋېت-24 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقاندىن تارتىپ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان، ئۇچۇش سۈرئىتى، ئېگىزلىكى، بولۇپمۇ قەيەردە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇش ئوربېتىسىنى كىشىلەرگە تولۇق نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە قارا قۇتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى چوقۇم چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئانالىز قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى