باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى يۈەنچاۋ ياشلارنىڭ يۈكسەك غايە ۋە تالانتى بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

2015.12.10 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ تۈنۈگۈن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەملىكەتلىك سىتۇدېنتلارنىڭ «9-دېكابىر» ھەرىكىتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ ياشلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «9-دېكابىر» ھەرىكىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارسىلىق قىلىپ، يۈكسەك غايە ۋە تالانتى بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. سۆھبەت يىغىنىنى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇردى، 100 دىن ئارتۇق سىتۇدېنت ۋەكىلى يىغىنغا قاتنىشىپ، «9-دېكابىر» ھەرىكىتىنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ياد ئەتتى، ئۇلار پارتىيە باشلامچىلىق قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ياشلار ھەرىكىتى يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ياشلىق جاسارىتىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر