باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ شىۋېيتسارىيەدە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.12.09 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى شەيخ ئەخمەت 7- دېكابىر جەنۋەدە ، يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن،15- دېكابىر شىۋېيتسارىيەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شەيخ ئەخمەت مۇنداق دېدى: يەمەن ھۆكۈمىتى، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى ۋە باشقا ئاساسلىق ئالاقىدار تەرەپلەر تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، تىنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 8 سۆھبەت ۋەكىلى ۋە 4 مەسلىھەتچىدىن تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلغاندىلا يەمەن كىرىزىسىگە ئەڭ ئاخىردا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىلا ئاندىن ئازاب ئوقۇبەتكە خاتىمە بېرىپ، ئىشىنىشنى قايتىدىن ئورناتقانلىقى بولىدۇ، شەيخ ئەخمەت يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سەمىمىي بولۇپ، ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىشنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر