خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇتبول مەيدانى چوڭلارنىڭ بەسلىشىش تەنھەرىكەت مەيدانى بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ شادلىق مەيدانى. بالىلار مەيداندا پۇتبول تېپىشنىڭ خوشاللىقىدىن بەھىرلىنىدۇ ھەمدە پۇتبولدىن ئىبارەت كۈچ، پاراسەت، ئىستراتېگىيە ۋە ئىتتىپاقلىقنى بىر گەۋدە قىلغان بەسلىشىش تەنھەرىكىتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «دۇنيا پۇتبول كۈنى»دە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت بالىلىرىنىڭ پۇتبول تەپكەن چاغدىكى سۆرەتلىرىدىن پۇتبولنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولغان «خوشاللىقنى ئاساس قىلىش»نى ھېس قىلايلى.
سۆرەتتە: 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن بالىلىرى «كىچىك دۇنيا لوڭقىسى» پائالىيىتىدە خوشال ئوينىماقتا. «كىچىك دۇنيا لوڭقىسى» پائالىيىتىنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە رايونىدىكى تىنچلىق تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، تەنتەربىيە مەشقى ۋە مۇسابىقىسى ئارقىلىق، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە بالىلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى