خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ئورمانچىلىق (باغ–ئورمان) ئىدارىسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى قارلىغاچلىق تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىمالىي قارلىغاچلىق يولى جەنۇبىي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017 – يىلى مەملىكەت بويىچە «مەدەنىي شەھەر» قۇرۇپ چىقىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن 10 – دېكابىر مەھەللە بويىچە مېيىپلارغا قىزىقارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
سۈرەتتە: قۇتا تىزىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش
مەنبە: خەلق تورى