باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن شەرقىي -جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بارىدىغان بىۋاستە ئاۋىياتسىيە لىنىيىسى ئېچىلىدۇ

كىلەر يىلى ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە باڭكوكقا بارغىلى بۇلىدۇ

2015.12.10 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇب ئاۋىياتسىيىسى 2016-يىلى 21-يانۋار ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيىسىنى ئاچىدىغان بولۇپ، بۇ شىنجاڭدىن شەرقىي -جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاستە قەرەللىك ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيىسى، شۇنداقلا جەنۇب ئاۋىياتسىيىسى شىنجاڭدا ئاچقان 19-خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە CZ8471/2 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن، پىلان بويىچە بوئىن 800-737تىپلىق ئايروپىلان بۇ لىنىيەدە قاتنايدىغان بولۇپ، بېرىپ-كېلىشتە 320دىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. بېرىشتا CZ8471نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچىدىكەن، 8دىن 55مىنۇت ئۆتكەندە لەنجۇدا ۋاقىتلىق توختاپ، 10دىن 25مىنۇت ئۆتكەندە يەنە ئۇچۇپ، باڭكوك ۋاقتى سەھەر سائەت 1دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە باڭكوكقا يىتىپ بارىدىكەن. كېلىشتە CZ8472نۆۋەتچى ئايروپىلان باڭكوك ۋاقتى سەھەر سائەت 2دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە باڭكوكتىن ئۇچىدىكەن، بىيجىڭ ۋاقتى 7دىن 5مىنۇت ئۆتكەندە لەنجۇغا يىتىپ كېلىپ، 8دىن 25مىنۇت ئۆتكەندە لەنجۇدىن ئۇچۇپ، 11دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يىتىپ كىلىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر