باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 100نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار پەزىلەتلىك قىز ئوقۇغۇچىسى 600مىڭ يۈەن ياردەمگە ئېرىشتى

2015.12.10 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ كۆك ئاسمان باھار غۇنچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىئانە مۇراسىمىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككى ئالىي مەكتەپنىڭ 100نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار پەزىلەتلىك قىز ئوقۇغۇچىسى 2014-، 2015 - يىللىق ئوقۇش يىللىق 600مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.

  « باھار غۇنچىلىرى پىلانى » 1989 - يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو بالىلار – ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويغان نامرات رايونلاردىكى ئوقۇشتىن توختاپ قالغان قىز بالىلارنى داۋاملىق ئوقۇتۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، دۆلەت تەرەققىيات بالىلار ئۆسمۈرلەر مائارىپى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغان بالىلار پاراۋانلىق تۈرى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015 - يىلى ھاۋا ئارمىيىسى قىسىمى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا توققۇز مىليون 850مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. بۇنىڭدىن تۆت مىليون يۈەن « بالىلار شادلىق باغچىسى » تۈرىگە ئىشلىتىلدى، بەش مىليون 850مىڭ يۈەن « باھار غۇنچىلىرى پىلانى » تۈرىگە ئىشلىتىلدى. بۇ قېتىمقى باھار غۇنچىلىرى ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلگەن ياردەم « باھار غۇنچىلىرى پىلانى » نىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تاللاش ئارقىلىق ئىئانە قىلىشى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئاياللار ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىشىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر