باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

« قۇياش نۇرى خەيرىيەت داۋالاش- پاناھلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى » باشلاندى

ئاپتونوم رايونىمىز 80نەچچە مىليون يۈەن قىممىتىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشتى

2015.12.10 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەيرى - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن « قۇياش نۇرى خەيرىيەت داۋالاش -پاناھلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى » 8- دېكابىر ئۈرۈمچىدە باشلاندى. تۇنجى قارارلىق خەيرىيەت تۈرىدە جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزغا قىممىتى 80مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان داۋالاش ئەسلىھەلىرى ئىئانە قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە،« قۇياش نۇرى خەيرىيەت داۋالاش -پاناھلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى »جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قاتلام رايونلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا يەنىمۇ ئاۋاز قوشۇپ باشلانغان بىر مۇھىم تۈر، شۇنداقلا، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردىكى ئاممىنىڭ دوختۇر كەمچىل، دورا ئاز بۇلۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدىغان بىر چوڭ ساخاۋەتلىك ئىش ھىسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم شىنجاڭغا ئىئانە قىلىنغان داۋالاش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئاپتوماتىك بىئوخىمىيىلىك ئانالىز ئەسۋابى، تولۇق ئاپتوماتىك خىمىيىلىك نۇر تارقىتىش ئۆلچەش ئەسۋابى، چوڭقۇر ناركوز كۈزىتىش ئەسۋابى، مىكرو دولقۇنلۇق داۋالاش ئەسۋابى، ئوتتۇرا چاستوتىلىق داۋالاش ئەسۋابى قاتارلىق 12تۈرلۈك داۋالاش سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.نۆۋەتتە، قىممىتى 43مىليون يۈەن قىممىتىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئەۋەتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قالغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئەۋەتىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر