باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىغا ئايدا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن چېكى بېكىتىلدى، يۇقىرى چېكى 4654 يۈەن بولدى

2015.12.08 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، كېلەر يىلقى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىغا ئايدا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن چېكى بېكىتىلگەن. كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىغا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ يۇقىرى چېكى 4653 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن.

  مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن 31-دېكابىرغىچە دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىغا پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتى ٪12 بولىدىكەن. مەسىلەن، مەلۇم ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئايلىق مائاشى 5000 يۈەن بولسا، ئۇنداقتا جامائەت فوندىغا ئۆزى 600 يۈەن تاپشۇرىدىكەن، خىزمەت ئورنى 600 يۈەن تاپشۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئايدا 1200 يۈەن تاپشۇرىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كېلەر يىلى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىغا ئايدا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ يۇقىرى چېكى 4654 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئايدا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ يۇقىرى چېكى 2327 يۈەن بولدى.

  پۇل تاپشۇرۇشنىڭ تۆۋەن چېكى جەھەتتە، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىغا ئايدا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ ئاساسىي سانى بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 2015-يىلى ئېلان قىلغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1720 يۈەندىن تۆۋەن بولسا بولمايدىكەن، يەنى جامائەت فوندىغا ئەڭ ئاز دېگەندە 412.8 يۈەن تاپشۇرۇشى كېرەككەن. ئىش ئورنىدىن قېلىش، ئىچكى قىسىمدا پېنسىيەگە چىقىش قاتارلىق ئەھۋالدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايدا تاپشۇرىدىغان پۇلىنىڭ ئاساسى سانى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2015-يىللىق ئاساسىي تۇرمۇش پۇلى 1204 يۈەندىن تۆۋەن بولسا بولمايدىكەن، يەنى جامائەت فوندىغا ئەڭ ئاز دېگەندە 288.96 يۈەن تاپشۇرۇشى كېرەككەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر