باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2015.12.09 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 7- دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھەرىكىتى تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىققا توسقۇنلۇق قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ دەرزۇر ئۆلكىسىدىكى بىر نىشانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇچ ئەسكەرنىڭ قازا قىلىشى، ئۇندىن باشقا 13 ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھاۋا ھۇجۇمىدا يەنە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئاپتوموبىلى، قۇرال ياراق ۋە ئوق دورا ئىسكىلاتى ۋەيران قىلىندى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ھەرىكەت سۇرىيەگە قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق، سۇرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمونغا خەت يېزىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر