باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق كىشىلەر قەلبىنى مايىللاشتۇرۇش، ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچەش كېرەك

2015.12.09 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 7 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئورگان پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كىشىلەر قەلبىنى مايىللاشتۇرۇشىمىز، ئەقىل كۆرسىتىشىمىز ۋە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى ئاساسىي لىنىيە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھالقىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، جانلىق ۋە ئەمەلىي كېڭەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان، تارىخىنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ تۈزۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تولۇق تاماملاپ، 2016 - يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى تېز بېكىتىش كېرەك. بەنگۇڭتىڭ ۋە ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر ۋە يېڭى تەلەپلەر ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇندىشى، كېلەر يىللىق خىزمەت پىلانىنى يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە تۈزۈشى كېرەك. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تەلەپچان ۋە راستچىل بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. سىياسىي تەلەپنى ئەڭ مۇھىم ئىستىل قىلىپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، «ئىشلەش» جەريانىدا فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، «ئىشلەش» جەريانىدا ئارتۇقچىلىقى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ھەم ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر