باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىكى سىياسەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى

2015.12.07 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 4-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئورتاق ئۇيۇشتۇردى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابې قاتارلىق ئافرىقىدىكى 50 نەچچە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىكى سىياسەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، كەلگۈسى بىر مەزگىللىك جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا باشتىن-ئاخىر جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى. جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ، ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن-ئاخىر باراۋەر، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، سەمىمىي دوستانە مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر