باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىش كېرەك

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلىگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىزىق نۇقتىلار

2015.12.09 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن، شىنجاڭ خەلقىگە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، شەھەر، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ھاللىق جەمئىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلىگەن) يىغىنىدا، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتاكىغا ئۆتكەن شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى نېمە ئارقىلىق مەركەزلىك ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈم مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش؛ ئاجىزلىقلارنى ھەل قىلىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش؛ مەسىلىنى بالدۇر بايقاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى تۇتۇپ، مۇھىم ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش −− ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى.

   ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈم مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش

  شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش.

  «بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، كۆپلىگەن كارخانىچىلار ئېھتىياج نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز يوقىلىپ كېتىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئېھتىياج ئىزچىل مەۋجۈت، مەسىلە بىزنىڭ ئۇنى بايقىيالمىغىنىمىزدا»، دېدى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى گو جيەنۋېي.

  ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورىيىۋاتىدۇ، قارىماققا ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەستەك كۆرىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك، سەۋىيەلىك، ئۈنۈملۈك تەمىنلەش يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. «بىز ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەرنى باشقىلار ئالمايۋاتىدۇ، ئەمما بىز ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىزدەپ تېپىۋاتىمىز. شۇڭا تەمىنلەشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك»، دېدى گو جيەنۋېي.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرىنچى نىشان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋەن شۈي مۇنداق دېدى: «پۇقراۋىي كارخانىلار راۋاجلانسا، تامامەن مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ، پۇقراۋىي كارخانىلاردىكى كەسىپكارلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ%85تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، كەلگۈسىدىكى نىشانىمىز بۇ نىسبەتنى%90 تىن ئاشۇرۇش. كەلگۈسى بەش يىلدا پۇقراۋىي كارخانىلار ئاۋانگارت قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بىرىنچى مەسئۇلىيىتى».

  ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش بىرىنچى ۋەزىپە. «ئەمەلىي ئىقتىساد ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ نېگىزى. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتكە، ئىستېمالنى ئاساسقا، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا شىنجاڭ كەلگۈسى رىقابەتتە تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرالايدۇ»، دېدى شىنجاڭ «جۇڭتەي» (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلما تەڭشەشنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېڭىلىق يارىتىشتا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئالاھىدە ترانسفورموتور گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «يېڭىلىق يارىتىشتا يۇقىرى پەللىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك بايلىق ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ، شۇ ئاساستا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

  ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، توسالغۇلارنى يوقىتىپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىيىن مەسىلە «ئومۇميۈزلۈك»تە، 2020 - يىلى ئومۇمىي مىقدار ۋە سۈرئەت جەھەتتە نىشانغا يەتسەكمۇ، بىراق تەكشى، ماس، سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشسا، ئاجىزلىقلار تېخىمۇ گەۋدىلەنسە، نىشانغا ھەقىقىي يەتكەن بولمايمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاجىز ھالقىلار ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلغان، بۇ ئاجىزلىقلارنى تۈگەتكەندىلا، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك، ماس، تەكشى تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ھەقىقى يەتكىلى بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسىردىن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرغىلى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. بىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سەھرا ئارامگاھى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

  «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئېچىۋېتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق، قابىل، ئۆتكۈر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنى غەربىي شىمال، ھەتتا غەربىي رايون بويىچە ئىختىساسلىقلار توپلانغان رايونغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى يول ئېچىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - ترانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گاۋ جياڭخۇەي مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىپە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمال، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يولى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ غول لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش

  ئىسلاھات شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، شۇنداقلا تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ مېتودولوگىيەسى.

  كەلگۈسى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھات روھى، تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچ»ىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  ئېچىۋېتىشنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ دېيىشكە بولىدۇ. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچى قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى سۈن جىجيې مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا رايونى تەسىس قىلىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ قولايلىق، ئەڭ تېز، ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى دېيىشكە بولىدۇ، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى قاتارلىقلارنىڭ پىشقان تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. سىجىل ئېچىۋېتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ «سىرتقا چىقىرىش» خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا يېڭى قەدەم تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر