خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ، ۋېي جىيى فوتوسى) 8-دېكابىر ئاۋات ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ئاۋات ناھىيەسىدىكى كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، يېڭى ئىتتىپاق ئەزالىرى ئىتتىپاققا كىرىش قەسىمى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «9-دىكابىر» ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئارقىلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى بىر قېتىملىق چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى بەشئېرىق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل «دولان مەشرىپى» بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە ئومومىي خور «شەرەپلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى»، « ئازاد زامان» ناخشىغا تەڭكەش قىلىنغان ئۇسسۇل « ياشىسۇن ۋەتەن» قاتارلىق 10 نەچچە ئېسىل نومۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلاندى، بولۇپمۇ يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى 10 كىچىك دوست ئورۇنلىغان سېرىك ئويۇنى پائالىيەتنى تىخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.
پائالىيەت كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ياشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۇرۈپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ كۆتۇرەڭگۈ روھىي ھالىتىنى نامايان قىلىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگۈنۈش ئاكتىپچانلىقى ۋە ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.
ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېھسانجان مەمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بۇ ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ئاسان قولغا كەلمىگەن، شۇڭا، بىز چۇقۇم قەدىرلىشىمىز لازىم. مەن بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىشقا بىركىشىلىك ھەسسە قوشىمەن.
شۇ كۈنى پۇتۇن ناھىيەمىز بۇيىچە 640دىن ئارتۇق ياش شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سېپىگە قوشۇلۇپ، بەس-بەستە ئىقىلابى قۇربانلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مەنبە: خەلق تورى